ياپونىيە بىخەتەرلىك تەھدىتى تىزىملىكىنىڭ بېشىغا خىتاينى تىزدى

0
260

9-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيە تاشقى دۆلەتلەردىن كېلىدىغان خەۋپ تىزىملىكىگە بېشىدىكى شىمالىي كورىيىنىڭ ئورنىغا ئاخىرقى يىللاردا ئەسكىرىي كۈچىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان خىتاينى تىزدى.

توكيو ھۆكۈمىتى يىلدا بىر تەييارلايدىغان مۇداپىئە دوكلاتىغا شىمالىي كورىيىنىڭ ئاتوم ئوق بېشىغا ئىگە ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن ئىككىنچى رەتكە تىزغان.

بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئامېرىكا ئىتتىپاقدىشى بولغانلىق سەۋەبىدىن بىرىنچى ئورۇنغا، ئۇنىڭدىن كېيىن بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا خىتاي، شىمالى كورىيە ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش مەزگىلىدە قاتارنىڭ بېشى بولغان رۇسىيە تىزىلغان.

مۇداپىئە مىنىستىرى تارو كونو بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ تېزلىك بىلەن كۆپەيتىۋاتقان ئەسكىرىي چىقىمى سەۋەبىدىن بۇ دوكلاتتا ئالاھىدە يەر بېرىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، «خىتاي، غەربىي پاسېفېكتىكى ۋە تسۇشېما بوغۇزىدىن ياپونىيە دېڭىزىغىچە بولغان رايوندا تېخىمۇ كۆپ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئېيتىۋاتىدۇ.» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي پائالىيەت ھەققىدە ياپونىيىنىڭ ئاساسسىز تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا، بېيجىڭ ۋە پيوڭياڭنىڭ قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۈچلىنىشى قارشىسىدا ياپونىيىنىڭ ئاخىرقى 7 يىلدا ھەربىي چىقىمنى يۈزدە 10 پىرسەنت كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

توكيو ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ يىل سىناق قىلغان قىسقا مۇساپىلىك راكېتاسىنىڭ شىمالىي كورىيە 8-ئايدا سىناق قىلغان راكېتا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ۋەيران قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ زامانىۋىلاشقان ئەسكىرىي كۈچىگە قارىتا دوكلاتتا، ئامېرىكىدا ياسالغان كۆرۈنمەس ئايروپىلانلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تېخنىكىلىق قوراللارنىڭ ئېلىنغانلىقى خاتىرىلەنگەن.

ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى ھۆكۈمەتتىن 9 دانە F-35 تىپلىق 5 ئەۋلات كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىش ئۈچۈن 1،1 مىليارد دوللار تەلەپ قىلغان. كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مۇداپىئە قوراللىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قىلىنغان چىقىمنىڭ يۈزدە 1.2 پىرسەنت ئېشىشى ياپونىيىنىڭ يىللىق ئەسكىرىي چىقىمى 49.4 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

خىتاينىڭ 2018-يىللىق ئەسكىرىي چىقىمى 2017-يىلغا قارىغاندا 7.5 پىرسەنت ئېشىپ 177 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ھازىر خىتاينىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ئوچۇق ئاشكارا ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئاراللىرىغا يېقىن رايونلاردا چارلاشنى باشلىدى.

مۇداپىئە دوكلاتىدا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئالاھىدە قىلىپ «خەلقئارا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى يېزىلغان.

2019/09/29

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here