ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەشمىردە بېسىمنى كۈچەيتتى

0
150

9-ئاينىڭ 29-كۈنى پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 نۆۋەتلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «ھىندىستاننىڭ كەشمىردە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىكى بېسىملار ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆتكەنكى ئايدا كەشمىر خەلقى ئەركىنلىكىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان.» بۇ سۆزدىن كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا نامايىشلارنى توسۇش ئۈچۈن بېسىمنى كۈچەيتكەن.

ئىمرانخاننىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەشمىردە نەچچە يۈز كىشى كېچىدە ئىمرانخاننى قوللايدىغان شوئارلار بىلەن كەشمىرنىڭ ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ نامايىشقا چىققان ئىدى.

بەزى مەنبەلەر ۋە خىزمەتچىلەر، بۈگۈن ساقچى ماشىنىلىرىدىن كەشمىرنىڭ بەزى رايونلىرىدا «يول يۈرۈشنىڭ چەكلەنگەن» لىكىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنى توسۇش ئۈچۈن بەزى رايونلارغا ئەسكەرلەرنى يۆتكىگەن ئىكەن. ئەسكەرلەر تىككەنلىك سىم قوللىنىپ كەشمىرنىڭ يازلىق پايتەختى سرېناگېردىكى مەركىزى ئىش رايونىنى قورشىغان.

بىر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىمرانخاننىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن بىر تۈكۈم كىشىلەر سرېناگېرنىڭ بەزى رايونلىرىدا مەيدانغا چىققان نامايىشچىلار سەۋەبلىك ئىكەن.

كۆپچىلىكى مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپقان كەشمىر، ئاتوم بومبىسىغا ئىگە ھىندىستان ۋە پاكىستان ئۈچۈن بىر توقۇنۇش نۇقتىسىدۇر. ھەر ئىككى دۆلەت كەشمىرنىڭ بەزى رايونلىرىنى كونترول قىلىدۇ ۋە بۇ رايوندا تولۇق بىخەتەرلىكنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

2019/09/29

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here