رۇسىيىدە 20 مىڭ كىشىلىك نامايىش

0
550

9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، موسكۋادا ئون مىڭلارچە كىشى قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ بارغان.

رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، پايتەخت موسكۋادا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا 20 مىڭ كىشى قاتناشقان ئىكەن. بەزىبىر تەشكىلاتلار نامايىشقا قاتناشقانلارنىڭ 25 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

پايتەخت موسكۋادىكى ساخارۇۋ كوچىسىدا تەخمىنەن 2 سائەت داۋاملاشقان نامايىشقا، رۇسىيە يولسىزلىققا قارشى تۇرۇش فوندىنىڭ قۇرۇغۇچىسى لۇبوۋ سوبول، ئېۋان جدابوۋ، يۇلىيا گاليامېنا ۋە رۇسىيىنىڭ يۇتۇپ چولپىنى يۇرېي دۇد مۇ قاتناشقان.

«پۇتىننى خالىمايمىز»،«سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئەركىنلىك»،«ئوغرى ھۆكۈمەت يوقالسۇن» دېگەندەك شوئارلار بىلەن يولغا چىققان نامايىشچىلار ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

رۇسىيە زالىم بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە نەچچە مىلياردلاپ ياردەم بەرگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇنۇم ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن سىرت دۆلەت ئىقتىسادى چۈشۈپ كەتكەن. شۇڭا رۇسىيە خەلقى پۇتىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان بولۇپ، 1000 دىن كۆپ نامايىشچى قولغا ئېلىنغان ئىدى.

2019/09/30

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here