رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

0
102

9-ئاينىڭ 30-كۈنى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئامېرىكىنىڭ پىرىزدنتلىق سايلىمىغا ئارىلاشقان» دېگەن گۇمان بىلەن بەزى رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە كارخانىلىرىغا قارىتا چىقارغان ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ 4 دانە ئىنتېرنېت كارخانىسى ۋە 7 نەپەر پۇقراغا «ئامېرىكىنىڭ پىرىزدنتلىق سايلىمىغا ئارىلاشقان» دېگەن گۇمان بىلەن ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرىنىڭ «ناھايىتى ھەيران قالىدىغان» بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بەزى كىشىلەر «ئېمبارگو تىزىملىكىنى تەييار قىلغان كىشىلەرنىڭ خىيال كۈچى كۈچلۈك ياكى تىزىملىك ئالمىشىپ قالغان» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

 رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرىكىگە ئوخشاش رۇسىيىگە قارشى ھەرىكەتلەر جاۋابسىز قالمايدۇ. ئامېرىكىلىق سىياسىيونلىرىنى  ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمەيدىغان ئېمبارگو قارارلىرىنى توختىتىشقا ۋە  ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرىمىز».

2019/10/01

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here