خىتايدىن تۈركىيىگە پۇل «بەلۋاغ»

0
316

10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي، بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان تۈركىيىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تېزلىتىپ ئاخىرقى 10 يىلدىكى سالغان مەبلىغىنى 4 ھەسسە ئاشۇرىدىغانلىقىنى پىلانلىماقتا.

نەچچە كۈنلەر ئىلگىرى تۈركىيىنىڭ بىر دانە بانكىسى خىتاي تەرەققىيات بانكىسىدىن 200 مىليون دوللار قەرز ئالغانلىقىنىڭ خەۋىرى ئاشكارىلانغان. ئارقىدىلا بىر دۆلەت بانكىسىنىڭ تاشقى تىجارەت ئۈچۈن خىتاي ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسىدىن قەرز ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان.

گارانتى بانكىسىنىڭ شاڭخەي ۋەكىلى نويان رونا بۇ ئىككى خىتاي بانكىسىنىڭ تۈركىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىشىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ئېكسپورت سۇغۇرتا شىركىتى Sinosure نىڭمۇ دەسمايىسى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ ئەھۋالدا خىتاي شىركەتلىرى تۈركىيىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن كرېدىت كارتا بېجىرەلەيدىكەن. بۇنداق بولغاندا خىتاي شىركەتلىرى تۈركىيىدە تېخىمۇ ئەركىن ئىش ھەمكارلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ.

تۈركىيىنىڭ خىتايدىن كىرگۈزگەن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى رۇسىيىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ 1 مىليارد 422 مىليون دوللارغا يەتكەن.

2019/10/03

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here