تالىبان سىياسىي باشقارما ۋەكىللىرى پاكىستاندا

0
168

10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تالىباننىڭ سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى موللا ئابدۇلغېنى بۇرادەر 12 كىشىلىك ھەيئەت بىلەن بۈگۈن ئەتىگەن پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا زىيارەتنى باشلىغان. بۇ زىيارەت پاكىستاننىڭ رەسمىي دۆلەت زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

تالىبان ۋەكىللىرى ئىسلامئابادتا پاكىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد قورەشىي رەھبەرلىكىدىكى كېڭەش ئەزالىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان.

تالىبان ۋەكىللىرىدىن شاھابېددىن دىلاۋۇرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت توغرىسىدا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سىياسىي ھەمكارلىق ۋە پاكىستاندىكى ئافغان كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋاللىرى توغرىسىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلاۋۇر «پاكىستاندىكى ئافغان كۆچمەنلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئافغان كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى» قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

2019/10/03

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here