خوڭكوڭ ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى

0
172

10-ئاينىڭ 03-كۈنى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان نامايىشچى «بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىسيان چىقىرىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ چىقارغان باياناتىدا، 10-ئاينىڭ 1-كۈنى نامايىش داۋامىدا 18 ياشلىق تساڭ چېكېن ساقچىلار ئاتقان ئوقتا يارىلانغان بولۇپ بۇ ياش ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئىسيان چىقارغان ئىكەن.

ھۆكۈمەت تەرەپ، بۇ ياشنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ ئەھۋالى ياخشىلانغاندا سوتقا ئېلىپ چىقىدىغان ياكى چىقمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن.

تساڭدىن سىرت يەنە ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئىسيان قىلغان 7 كىشى قولغا ئېلىنغانلىقى بىلىنمەكتە. خوڭكوڭدا ئىسيان جازاسى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

بۇ يەردىكى نامايىش ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن. بۈگۈن خىتاي ئىنستىتۇتىنىڭ مىڭىدىن كۆپ ئوقۇغۇچى تساڭنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى تساڭنىڭ يۈرىكىنىڭ يېنىدىن ئوق بىلەن يارىلاندۇرۇلۇشىنى «ئادەم ئۆلتۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىش» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ساقچى تەرەپ بولسا، ساقچى مەمۇرىنىڭ ئۆزىنى ۋە خىزمەتداشلىرىنى ھاياتىنى قوغدىغانلىقى، بۇنداق ۋاقىتتا ئوق چىقىرىشنىڭ «نورمال» ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

2019/10/03

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here