شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ مىقداردا تەبىئىي گاز بايقىدى

0
169

10-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 115.3 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەۋە شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنى تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ جۇڭگو نېفىتى شىركىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم رايوندىكى ئىزدەش خىزمىتىدە 115.3 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شىركەت مۇدىرىنىڭ ياردەمچىسى تىئەن سۈن، گاز بايقالغان رايوندا ئېلىپ بېرىلغان سىناقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى ئىقتىسادىي كۈچنىڭ بىرى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىت، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، كۆمۈش، پلاتىنا، ئۇران ۋە كۆمۈرگە ئوخشىغان كۆپلىگەن تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىپ كەلمەكتە.

2019/10/04

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here