ئەرەب دۆلەتلىرى قايتىدىن قوزغالماقتا، بۇ قېتىم «ئىراق»

0
351

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىراقنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش باشلانغان. بۇ نامايىش تىنچ باشلانغا
تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ن بولۇپ ئاخىرى قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلانغان.

ھازىرغىچە ئىراقتىكى نامايىشلاردا 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. 4000 غا يېقىن ئادەم يارىلانغان. نەچچە يۈزلىگەن نامايىشچى قولغا ئېلىنغان بولۇپ ھۆكۈمەت تەرەپ تور ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.

ئىراق خەلقى نېمە ئۈچۈن نامايىشقا قوزغالغان؟

ئىراقلىقلار دۆلىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن نارازى بولۇپ ئىراق ھۆكۈمىتى دائىشنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قازانغىلى ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭمىغان. بۇ نېفىتكە باي بولغان دۆلەتتە 40 مىليون خەلق نامرات تۇرمۇشتا ياشىماقتا ئىكەن.

بۇ نامايىش قانداق باشلاندى؟

ئىراق خەلقى بۇ نامايىشنى تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە دۆلىتىدىكى نامراتچىلىق، ئىشسىزلىق، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىشىگە قارشى تەشۋىق قىلىپ نامايىشقا چاقىرغان. بۇ قېتىم ئىراق ساقچىلىرى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ كىشى نامايىشقا قاتناشقان.

بەزىبىر ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ نامايىشلارنى غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا يېقىن بولغان ئىراق ھۆكۈمىتىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان ئىكەن.

10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىراننىڭ تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ئەنگلىيىلىك بىر سىياسىي تەھلىلچىدىن” بۇ نامايىشنى باغداتتىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيىنىڭ ئەلچىخانىسى قوزغىغان» دېگەن سۆزنى نەقىل قىلغان.

2019/10/06

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here