رۇسىيە خىتايغا «رادار سىستېمىسى» ياساشقا ياردەم بەرمەكچى

0
94

10-ئاينىڭ 3-كۈنى رۇسىيىنىڭ پىرىزدنتتى پۇتىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ھازىر خىتايغا رادار سىستېمىسىنى ياساشقا ياردەم بېرىۋاتقان ئىكەن. پۇتىن بۇ سۆزلىرىنى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئاتوم قورالى كېلىشىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئەيىبلەشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان.

پۇتىن پەيشەنبە كۈنى سۇچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى يىغىنىدا مۇنداق دېگەن «بىز ھازىر دوستىمىز بولغان خىتايغا رادار سىستېمىسىنى ياساشقا ياردەم بېرىۋاتىمىز. بۇ بولسا مۇھىم بىر ئىش. خىتاي بۇ ئارقىلىق مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، چۈنكى ھازىر بۇنداق رادار سىستېمىسى پەقەت رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قولىدا بار.»

پۇتىننىڭ دېيىشىچە، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپنىڭ 1987-يىلدىكى ئاتوم كۈچ ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى دۇنيانىڭ مۇستەھكەملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمدىن چىكىنىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى بولسا «رۇسىيە بۇ كېلىشىمنىڭ شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلغان» دەپ ئەيىپلىگەن بولۇپ رۇسىيە تەرەپ بۇ سۆزنى ئىنكار قىلغان. ئامېرىكا تەرەپ « 1987-يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىمىنى قايتىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى كېلىشىم يېڭىدىن تۈزۈلسە كېلىشىم ئىچىگە خىتاينىڭ كېڭىيىۋاتقان قوراللىرىمۇ كىرگۈزۈلىشى كېرەك» دېگەن. لېكىن خىتاي بۇ پىكىرنى رەت قىلغان.

2019/10/06

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here