ئامېرىكىدىن خىتاينىڭ 28 شىركىتىگە «قارا تىزىملىك» قارارى

0
118

10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي تۈركىستاندىكى تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى «ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن 28 خىتاي تەمىنلىگۈچى شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

ۋاشىنگتون، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ناچار مۇئامىلىلەر» دە رول ئويناۋاتقان دۆلەت ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 تەمىنلىگۈچى شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان تىجارىتىگە چەك قويدى.

تىزىملىكتىكى تەمىنلىگۈچى ۋە باشقا شىركەتلەر، ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن سېتىۋالىدىغان ماللارنى ۋاشىنگتوننىڭ رۇخسىتى بىلەن ئالىدىكەن. تىزىملىكتىكى تەمىنلىگۈچىلەر ئارىسىدا نازارەت ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىمۇ بار ئىكەن.

تىجارەت مىنىستىرىنىڭ باياناتىدا بۇ شىركەتلەر «ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان ۋە ناچار مۇئامىلە قىلغانلىق، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى، توپلام قولغا ئېلىش ۋە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن نازارەتكە ئېلىش ئىشلىرىدا رول ئوينىغان» ئىكەن.

قارا تىزىملىكتە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ «جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەت ئورگىنى بار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» دا قىزىش كۆرۈنمەكتە. بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ شىركەتلىرىگە قارىتا تۇنجى قېتىملىق ھەرىكىتى ئەمەس. تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېينى خەلقئارا بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

خىتاينىڭ بۇ ئىش بىلەن ۋاشىنگتونغا ئەۋەتكەن ھەيئەتلىرى بۇ ھەپتە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلىنمەكتە.

2019/10/08

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here