كاررې لام «خىتاي ئارمىيىسى خوڭكوڭدىكى نامايىشىنى باستۇرالايدۇ»

0
170

10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون باشلىقى كاررې لام «خوڭكوڭدىكى نامايىشنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدىنمۇ ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنسە «خىتاي ئارمىيىسىنىڭ نامايىشنى باستۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا» ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

لام بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋالدا ئۆزى بىر چىقىش يولى تېپىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەھۋاللار ھازىرقىدىنمۇ ناچارلىشىشقا قاراپ ماڭسا، ئۇ ھالدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

لام 4 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ۋە شىددەت بىلەن كۈچىيىۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنىڭ ماسكا تاقىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن بەزىبىر نامايىشچىلارنى چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.

ماسكا تاقاشنى چەكلىنىشتىن ئىلگىرى خوڭكوڭدا مىڭلارچە ماسكا تاقىغان كىشىلەر نامايىشقا چىققان. ماسكا تاقىشىنى چەكلەش قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «ماسكا تاقاشنى خالايمەن» ۋە «ماسكا تاقاش جىنايەت ئەمەس» دېگەن شوئارلار بىلەن نامايىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2019/10/08

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here