خىتاينىڭ «جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى» ئىراندىن چېكىندى

0
233

10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىران نېفىت مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى» ئىران بىلەن قاتارنىڭ ئارىسىدىكى دېڭىزغا جايلاشقان جەنۇب پارس تەبىئىي گاز رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمىدىن چېكىنگەن بولۇپ بۇ رايوندا ئىران دۆلىتىگە تەۋە پارس نېفىت شىركىتى يالغۇز قالغان.

ئەسلىدە 2015-يىلى ئىران ئاتوم تەرەققىي قىلدۇرۇش پروگراممىسىنى چەكلىمىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىشقا ماقۇل كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىنى توختاتقان.  2017-يىلى 7-ئايدا فرانسىيىنىڭ توتال شىركىتى، خىتاينىڭ جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى ۋە رايوندا ئىراننىڭ پارس نېفىت شىركىتى بىلەن بىرلىكتە 4.8 مىليارد ئامېرىكا دوللار قىممىتىدىكى كېلىشىمدا جەنۇبى پارس تەبىئىي گاز رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كېلىشكەن ئىدى.

2018-يىل 5-ئايدا، ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ ئىران بىلەن بولغان 2015-يىلدىكى ئاتوم كېلىشىمىدىن چېكىنىپ ئىرانغا يېڭىدىن ئېمبارگو ئېلان قىلغاندىن 3 ئاي كېيىن فرانسىيىنىڭ توتال شىركىتى جەنۇبى پارس تەبىئىي گاز رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلاندىن چېكىنگەن. بۇ قېتىم خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلمەسلىك ئۈچۈن بۇ پىلاندىن چېكىنگەن. خىتاينىڭ بۇ پىلاندىن  چېكىنىشى ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئىرانغا نىسبەتەن چوڭ زەربە ھېسابلىنىدۇ.

پارس قولتۇقىغا جايلاشقان ئىران بىلەن قاتارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تەبىئىي گاز رايونى  2 دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ ئىرانغا تەۋە بۆلىكى جەنۇب پارس، قاتارغا تەۋە بۆلىكى بولسا شىمالىي دوم  دەپ ئاتىلىدۇ. جەنۇب پارس ۋە شىمالىي دوم تەبىئىي گاز رايونى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.

2019/10/09

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here