ۋيېتنام «سودا ئۇرۇشى» سەۋەبىدىن يېڭى كرىزىسقا دۇچ كەلدى

0
198

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇش سەۋەبىدىن ۋيېتنامدا يېڭى بىر «كۈرەش» ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ كۈرەش بولسا، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدىن كېيىن بەزى چەتئەل شىركەتلىرى زاۋۇتلىرىنى خىتايدىن ۋيېتنامغا يۆتكەشنى  باشلىغان بولسا يەنە بەزىبىر شىركەتلەر زاۋۇتىنى ۋيېتنامغا يۆتكەشنى ئويلىشىشقا باشلىغان. لېكىن ۋيېتنامدا ئالىي مەلۇماتلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن ھازىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دۆلىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە سىستېمىسىغا جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەرنى باشلاتقان.

ۋيېتنام بولسا ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدىن ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 2019-يىلنىڭ ئاخىرقى 8 ئايدا ۋيېتنامدىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان مال ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا %25 ئاشقان. گۇگۇل ۋە نېنتېندودەك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭمۇ ۋيېتنامغا زاۋۇت قۇرۇش پىلانى بار ئىكەن.

 ۋيېتنامدا «ماكسپورت» ناملىق رەخت زاۋۇتى بار بولغان چەتئەللىك جېف سروكېزنىڭ دېيىشىچە، ۋيېتنامدا يېڭى ۋە ئىقتىدارسىز ئىشلەمچىلەر كۆپ. ھەتتا ئاددىي توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنى ئۆگىتىشكە ئاز دېگەندە 6 ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا ۋيېتنامدا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن سەبىر قىلىش كېرەك ئىكەن. ئۇ يەنە، بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ۋيېتنامنىڭ ئۆزگەرتىشى ئاستا بولۇۋاتقان تەلىم-تەربىيە سىستېمىسىدىن كۆرگەن.

پايتەخت خانويدا ياشايدىغان 28 ياشلىق يۇمشاق دېتال لايىھىلىگۈچى نېگۇيان كۇۋاڭ ئېنىڭنىڭ دېيىشىچە، دۆلىتىدە ئالىي مەلۇماتلىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا چوڭ شىركەتلەردىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن. ئۇ ئالىي مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ھازىرغىچە 4 قېتىم خىزمەت ئالماشتۇرغان. خىزمەت ئالماشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولسا يېڭى خىزمەت ئورنىدىكىلەرنىڭ مائاشىنى ھازىر ئېلىۋاتقان مائاشىدىن  %50 يۇقىرى بەرگەنلىكى ئىكەن.

نېگۇيان: «دۆلىتىمىزدە ئىقتىدارلىق ئىشلەمچىلەر ئاز بولۇشى سەۋەپلىك شىركەتلەر بىزگە يۇقىرى مائاشلارنى سۇنماقتا. ئەگەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرى سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ۋيېتنامغا كىرسە خىزمىتىمنى شۇ شىركەتلەرگە يۆتكەيمەن» دېگەن.

مانپوۋېر گۇرۇپپىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ۋيېتنامدىكى  57.5 مىليون ئەمگەكچىنىڭ پەقەت 12 پىرسەنتتىلا  ئالىي مەلۇماتقا ئىگە ئىكەن.

2019/10/13

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here