ئامېرىكا شىركەتلىرىگە خۇاۋېينىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلماقچى

0
164

10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇرۇك ۋاقتى گېزىتىدە تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامېرىكا شىركەتلىرىگە خىتاينىڭ خۇاۋېي تېخنولوگىيە شىركىتىگە مەخپىيەتلىكى تۆۋەن بولغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشقا رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسى بەرمەكچى ئىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ياسايدىغان خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى مۇشۇ 5-ئايدا ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ ناچارلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خىتايغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى سەۋەبلىك خۇاۋېي ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز تېخنولوگىيە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالالمىغان. ھەتتا مۇھىم ھېسابلىنىدىغان گۇگۇل تېلېفون خىزمەت تېخنىكىسىدىنمۇ مەھرۇم قالغان.

بۇ قاراردىن كېيىن ئامېرىكا شىركەتلىرى خۇاۋېيغا بىر نەرسە ساتماقچى بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئالاھىدە رۇخسەت كىنىشكىسىغا ئېرىشىشى كېرەك ئىدى. ھازىرچە ئامېرىكا تىجارەت ئورگىنى ئاز دېگەندە 130 شىركەتتىن خۇاۋېي شىركىتىگە ئۈسكۈنە سېتىشقا رۇخسەت قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن.

2019/10/13

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here