ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى تەنقىدلىدى

0
405

10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پېتىر دۇتون خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى تەنقىدلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى نىشانغا ئالغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن. پېتىرنىڭ بۇ تەنقىدلىرى ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ
ئىقتىسادىي ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ئەلچىخانىسى نارازىلىق بىلدۈرگەن.

يېقىن ئىقتىسادىي ھەمكارلاشقۇچى بولغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشقا قاراپ مېڭىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشىغا قول تىقىشقا باشلىغانلىقى، يەنە بىرى بولسا خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتكەنلىكى ئىكەن.

گەرچە ئاۋسترالىيە قانۇن چىقىرىش ئورگىنىڭ ئەزالىرى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئوچۇق ئاشكارا خىتاينى تەنقىدلىمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قۇيغان بولسىمۇ پېتىر «خىتاي گەرچە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلاشقۇچىمىز بولسىمۇ بىز بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز» دېگەن.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پېتىر پايتەخت كانبېرادا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ خىتاي بىلەن مۇھىم بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىز بار. لېكىن بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ خىتاي تەسىرىگە ئۇچۇرۇشىنى، ئەقلى مۈلۈكلىرىمىزنىڭ ئوغرىلىنىشى ۋەياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمىزنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچۇرۇشىغا قەتئىي يول قويمايمىز»

خىتاي ئاۋسترالىيىنىڭ بۇ تەنقىدلىرىنى ھازىرغىچە ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن «سوغۇق ئۇرۇش پسىخىكىسى» دىن يېنىشنى تەلەپ قىلغان.

چەتئەلدىن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار بولسا ئاۋسترالىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 35 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق دۆلىتىگە كىرىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3/1 نى خىتايلار ئىگىلەيدۇ.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى، خىتاي تەرەپنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ پىكىرلىرى ئارقىلىق تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئاۋسترالىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇمىي سودا سوممىسى 122 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىكەن.

2019/10/14

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here