ئامېرىكىدىكى خىتاي دىپلوماتلىرى چەكلىمىگە ئۇچۇرماقتا

0
178

10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىردىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى ھەرقانداق خىتاي دىپلوماتلار مەملىكەت، شەھەر ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى، مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

بۇ ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا چىقارغان. يەنى خىتاي دۆلىتىدىكى ئامېرىكا دىپلوماتلىرىغا ئەركىنلىك بەرسە ئامېرىكىدىكى خىتاي دىپلوماتلىرى ئەركىنلىككە ئېرىشىدىكەن.

خىتايدىكى ئامېرىكا دىپلوماتلىرى خىتاي خەلقى ۋەياكى ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەۋەرلەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە ئۇلاردىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ ئەمەلدار يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى چىقىرىشنى ئويلاشقىلى خېلى بولدى. بۇ قارارنىڭ خىتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق دېگەن.

ئۇ يەنە « بۇ ئىش ئارقىلىق بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز بولسا، بىز دۆلىتىمىزدە خىتاي دىپلوماتلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساق خىتاي تەرەپمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.» دېگەن.

10-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دىپلوماتلارغا قۇيغان بۇ چەكلىمىلەردىن يېنىۋېلىشى كېرەك دېگەن.

2019/10/17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here