بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ ئېكىسپورتى 55.4 مىليارد دوللار بولغان

0
122

10-ئاينىڭ 15-كۈنى رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر نەپەر ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرگە 55.4 مىليارد دوللار قىممىتىدە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ساتقان بولۇپ ئالدىنقى يىلدىكى 55.6 مىليارد دوللارغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئاز تۆۋەنلەش كۆرۈنگەن.

تىرامپ ھۆكۈمەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە ھەربىي ئەسلىھەلەر سېتىش چەكلىمىلىرىنىڭ تۆۋەنلەتكەن بولۇپ 2017-يىلدىن 2018-يىللىرى باشقا دۆلەتلەرگە ساتقان ھەربىي ئەسلىھەلىرى %33 كۆتۈرۈلگەن. تىرامپ «ئامېرىكا مال سېتىش» پىلانى ئاستىدا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ ئامېرىكا قورال-ياراغ سانائىتىنىڭ تىجارىتىنى كۆتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرشكە چاقىرغان.

باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىن قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن 2 يولى بار بولۇپ، بىرىنچى يول بولسا بىۋاسىتە ھەربىي ئەسلىھەلەر ياسايدىغان شىركەتلەردىن سېتىۋېلىش. ئىككىنچى يول بولسا قورال-ياراغ سېتىۋالماقچى بولغان دۆلەت دۆلىتىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىق خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق سېتىۋېلىش. بۇ ئىككى خىل يولنىڭ قايسىسى بولسۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك.

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ قورال-ياراغ ياسايدىغان كارخانىلار بولسا: Boeing Co, Lockheed Martin Corp, Raytheon Co, General Dynamics Corp and Northrop Grumman Corp.

2019/10/19

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here