خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچى ئاخىرقى 30 يىلنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشتى

0
124

10-ئاينىڭ 18-كۈنى رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنى ئېشىشى، ئامېرىكا بىلەن بولسا سودا ئورۇشى نەتىجىسىدە زور تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ ئاخىرقى 30 يىلنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىسىگە چۈشۈپ قالغان.

خىتايدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىككىنچى پەسىللىك يىللىق بازاردا %6.2 بولۇپ، ئۈچىنچى پەسىلدە %6 گە چۈشۈپ قالغان. خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولۇۋاتقان سودا ئۇرۇشى تېخىمۇ يۈكسىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ تىجارەت ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى بولغان خىتاي بازىرىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاسىيا پايچەك بازىرى چۈشۈشكە قاراپ ماڭدى. خىتايدا بولسا ئاخىرقى ئايلاردا ئوتتۇرىغا چىققان سانلىق مەلۇماتلار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

2019/10/19

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here