شىمالىي ئېقىن-2

0
132

شىمالىي ئېقىن -2 رۇسىيىدىن چىققان تەبىئىي گازلارنى بالتىق دېڭىزنىڭ ئاستىدىن ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان تۇرۇبا يول پىلانىدۇر. ھازىرغىچە ياسىلىۋاتقان بۇ تۇرۇبا يولى پىلانىنىڭ يۈزدە %80 تاماملانغان.

2018-يىلى باشلانغان بۇ پىلان بالتىق دېڭىزنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ رۇسىيىدىن گېرمانىيىگە يېتىپ بارىدۇ. بىر يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 55 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز تەمىنلەيدىغان بۇ پىلاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر. بۇ لىنىيە رۇسىيە، فىنلاندىيە، شۋېتسىيە ۋە دانماركا رايونىدىن ئۆتۈپ گېرمانىيىگە يېتىپ بارىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى رېچارد گرېنېل، شىمالىي ئېقىن-2 پىلانىغا قاتناشقان ئورۇنلارغا خىتاب قىلىپ يازغان خېتىدە «ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇنى» ئاستىدا جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئومۇمىي قىممىتى 9.5 مىليارد دوللار ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىش كۆزلەنگەن بۇ پىلاندا يىلىغا 55 مىليارد كۈپ مېتىر رۇسىيە گازىنى بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق گېرمانىيىگە يۆتكەش پىلانلىماقتا.

ئامېرىكا باشلىق بەزى ياۋروپا دۆلەتلەر قارشى چىققان بۇ پىلانغا رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز شىركىتى گاز فىرۇم، Shell, OMV, Engie, Uniper ۋە Wintershallقاتارلىق شىركەتلەر قاتناشقان.

2019/10/20

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here