ھىندىلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇملىرىنى كەشمىردە يۈرگۈزمەكتە

0
148

تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكنى باشقا دۆلەتلەرگە ساتماقتا. بېيجىڭدىن ئۆرنەك ئالغان ھىندىستان كەشمىردە مۇسۇلمانلارنى توپلام قولغا ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆزىتىش ئىشلىرىدا خىتاي شىركەتلىرى بىلەن كېلىشتى.

كەشمىر مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ ساندىكىسى ئۇيغۇرنى ئۆزئىچىگە كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە سىستېمىلاشقان قىرغىنچىلىقلارنىڭ ئوخشىشىغا ئۇچۇرماقتا.  بۇتپەرەس ھىندىستان باش رەئىسى نارېندرا مودې «خىتاي پىكرى» بىلەن كەشمىردىكى مىليونلارچە مۇسۇلمانلارغا قارىتا زۇلۇمنى كۆپەيىتمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا  2009-يىلى تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشنى توختاتقىنىغا ئوخشاش ھازىر كەشمىردە ئىنتېرنېت تورى ۋە ئالاقە ۋاستىلىرى ھەتتا پوچتا خەۋەرلىشىشىنىمۇ چەكلەش ئارقىلىق ئىچكى خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالماقتا.

دېھلى مەركەزلىك بىر ئىدىيە ئورگىنىڭ پائالىيەتچىسى ئوۋادېس سۇلتانخان «كەشمىر ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشاش يەرلىرى كۆپ» دەپ گېپىنى باشلىغان بولۇپ «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرماقتا  ۋە ھىندىستان بىلەن خىتاي ئۆزئارا تاكتىكا ئالماشتۇرۇپ كەشمىر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا قوللانماقتا» دېگەن.

2019/10/21

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here