خىتاي: ئامېرىكا-رۇسىيە «ئاتوم قوراللىرىنى قىسقارتىش» مۇزاكىرىسىگە قاتناشمايمىز

0
9376

11- ئاينىڭ 8- كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قورال-ياراغ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باش ئەمەلدار فۇ سوڭ رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاتوم قورالىنى قىسقارتىش يىغىنىدىكى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى«ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش» يىغىنى توغرىسىدىكى سۆزىدە،  خىتاينىڭ ئاتوم قوراللىرىنى ئازايتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى پەقەت «ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى «ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش» مۇزاكىرىسىگە قېتىلىشنى خالىمايمىز» دېگەن.

رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ قولىدىكى ئاتوم قوراللىرىنى ئازلىتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن فۇ« ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدىكى ئاتوم قوراللىرى باشقا ئاتوم قورالىغا ئىگە دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كۆپ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ «ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش» توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋام قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېگەن.

خىتاي بۇ مەسىلىدە ئۆزىگە چۈشكەن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا  تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن فۇ «خىتاي ئاتوم قوراللىرىنى ئازايتىشقا تەييار. باشقا دۆلەتلەر ئاتوم قوراللىرىنى خىتايدىكى ئاتوم قورالىنىڭ سانىغا چۈشۈرەلىسە ئۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىنىدا قاتنىشىمىز. لېكىن «ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى «ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش» مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىشنى خالىمايمىز» دېگەن

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا 2010- يىلدا ئىمزالاشقان سىتىراتىگىيىلىك ھۇجۇم قوراللىرىنى ئازلىتىش كېلىشىمنامىسى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى قوراللارغا چەك قويۇش توغرىسىدىكى بىرىنچى كېلىشىم ھېسابلىنىدۇ.

2019/11/11

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here