تۈركىيە شەرقي ئوتتۇرا دېڭىزدا بۇرغىلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە

0
239


11- ئاينىڭ 22- كۈنى تۈركىيىنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ بىلدۈرۈشىچە تۈركىيە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا 4- بۇرغىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

دۆنمەز تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، بىز ھازىر شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا 4- بۇرغىلاش ھەرىكەتلىرىمىزنى باشلىدۇق ۋە بىز بۇرغىلاشنى تاكى نېفىت زاپىسى بايقىغۇچە داۋاملاشتۇرىمىز دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

دۆنمەز شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بۇ ھەرىكەتلەرنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە تۈركىيە قوغداپ كېلىۋاتقان شىمال سىپرۇس خەلقىنىڭ ھەققىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈرۈك شىمالى سىپرۇس ئارىلىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھازىر شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا تەبىئىي بايلىق ئىزدەش ئۈچۈن فاتىھ ۋە ياۋۇز ئىسىملىك ئىككى دانە بۇرغىلاش پاراخوتلىرىنى ۋە ئورۇچ رەئىس ۋە بارباروس خەيرۇددىن پاشا ئىسىملىك ئىككى دانە تەكشۈرۈش پاراخوتلىرى بىلەن ھەرىكەت ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ.

تۈركىيە بولسا گرېك سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىڭ تۈرۈك سىپرۇسقا تەۋە دېڭىزلاردا بۇرغىلاش ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنى قانۇنسىز ۋە تۈرۈك سىپرۇس ئاراللىرىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇزچىلىق دەپ كەلمەكتە.

2019/11/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here