ھىندونېزىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى

0
403

2019- يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ھىندونېزىيە، ناتۇنا دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتايغا تەۋە بېلىقچى كېمىلىرى ۋە دېڭىز بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ دۆلەت دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، مىنىستىرلىققا چاقىرغان خىتاينىڭ جاكارتا باش ئەلچىسى شىياۋ چىڭ غا ناتۇنا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونغا خىتاي تاجاۋۇزلىرىنىڭ كىرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ھىندونېزىيە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 2009 -يىلدا سۇنغان خەرىتىدىكى «جەنۇبىي خىتاي دېڭىز» مەسىلىسىنى ئەسلا ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي باش مىنىستىرى لې كېچىياڭ، ئۆتكەن ئاينىڭ 22- كۈنى ئېچىلغان ئاسىيا دۆلەتلىرى يىغىنىدا، دۆلىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر ھەرىكەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  

فىلىپپىن، ۋيېتنام، مالايسىيا، برۇنېي ۋە ھىندونېزىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقى بولغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئارال ۋە قىيالار كۆپتۇر. بۇ دۆلەتلەر بۇ رايونلارنى ئۆزىنىڭ «خاس ئىقتىسادىي رايونى» دەپ ھېسابلايدۇ. خىتاي ئاتالمىش جەنۇبىي خىتاي دېڭىزنىڭ يەر ئاستىدا بايلىقلىرى ۋە بېلىقچىلىق مەنبەسىنى كونتروللۇقىغا ئېلىشقا تىرىشماقتا.

2020-1-1  

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here