تەيۋەن پىرىزدنتلىق سايلىمىدا سەي يېڭۋىن ئۇتۇپ چىقتى

0
296
Taiwan Taiwanese flag on flagpole textile cloth fabric waving on the top sunrise mist fog

تەيۋەن پىرىزدنتتى سەي يېڭۋىن پۈتۈن ئېچىلغان ساندۇقلاردىن چىققان نەتىجىگە ئاساسەن 8 مېليۇندىن ئارتۇق سايلام بېلىتىنى قازانغان بولۇپ تەيۋەندە ئىككىنچى قېتىم پىرىزدنت بولدى. ئۇ تەيۋەننىڭ ھەر قانداق تەھدىتلەرگە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن 1987- يىلغىچە ھەربىي ھالەتتە ئۆتتى، ئاندىن 10 يىلغا يېقىن تەيۋەن خەلىقى ھوقۇق پەرەس دىكتاتۇرچى ھاكىمىيتىگە قارشى كۆرەش قىلىپ 1996- يىلى تەيۋەندە تۇنجى قېتىملىق ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىلدى.

تەيۋەندە ئېلىپ بىرىلىدىغان سايلام ھەرۋاقىت تەيۋەننى ئۈزىنىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ قاراپ كىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتتاينىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ۋە سايلامنى ئىنتايىن يېقىندىن كۈزىتىدۇ.

تۆۋەندە قىسقىچە تەيۋەننىڭ سايلام تۈزىمى ۋە سايلامنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بىرىمىز.

تەيۋەندە سايلامغا قاتنىشىدىغان ئەڭ چوڭ ۋە تەيۋەن سىياسەت سەھنىسىدىكى ئاساسلىق ئىككى پارتىيەلەر بولسا، دەۋلەتنى باشقۇرىۋاتقان ” دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پارتىيسى” ۋە گومىنداڭ پارتىيىسى.

” دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پارتىيسى ” پارلامىنتتا 68 ئورۇن بىلەن كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ ۋە 35 ئورۇن بولسا گومىنداڭ پارتىيىسىغا تەۋە.

دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پارتىيسى بولسا تەيۋەننىڭ مۇكەممەل مۇستەقىللىقىنى قوللايدۇ. لىكىن 1949- يىلى خىتتاي كومىنىسىت پارتىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كونتروللىقى ئاستىدىكى خىتتاي زىمىنىدىن تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەن گومىنداڭ پارتىيىسى بولسا بېيجىڭ ھۆكىمەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاش يۇلىنى خالايدىكەن.

تەيۋەن سايلىمىغا 45 كىچىك پارتىيە قاتناشقان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ پارلامىنت ئورۇنغا ئىرىشىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.

بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتناشقان پىرزىنتلىق نامزاتلار تۆۋەندىكىدەك.

ئاساسلىق نامزاتلار مۇستەقىللىق تەرەپدارى دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك پارتىيسى نامزاتى ھازىرقى تەيۋەن(جۇڭخۇۋا مىنگو) پىرزىدىنتى سەي يېڭۋىن، خەلقپەرۋەرلەر پارتىيسى نامزاتى سوڭچۇيۇ،گومىنداڭ پارتىيسى (گاۋشيۇڭ شەھەر باشلىقى)،ختتايپىەرەس نامزات خەنگويۇ قاتارلىقلار بار !

تەيۋەندە پىرزدنتلىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگلى 4 يىل بولۇپ بىر پىرزدنت ئۇدا ئىككى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەلەيدىكەن. تەيۋەن پىرزىنتنىڭ ئالىي ھوقۇقلىرىدىن بىرى بولسا دۆلەت ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرىت پىرىزدنت باش مىنىستىرىنى سايلايدۇ ۋە بۇ مىنىستىر قائىدە نىزاملارنى قانۇنغا كىرگۈزىدۇ.

2016- يىلدىكى سايلامغا تەيۋەن خەلقىنىڭ 66% قاتناشقان ئىكەن.

2012-1-13



2020-1-13

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here