مۇتەخەسىسلەر يېڭى كورىنا ۋىرۇسىنى «بىئۇلوگىيىلىك قورال تەتقىقات مەركىزىدىن تارقالدى» دىگەن كۆز قاراشىنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارلىدى

0
1211

2020- يىل 04- فېۋرال

مەنبە: ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى

يازغۇچى: ئادەم تايلور

ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال تەشۋىقات گۇرۇپپىسى تەرجىمە بۆلۈمى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى

2020- يىل 29- يانۋار

مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا تارقالغان يېڭى كورونا ۋىرۇسىنى «خىتاينىڭ بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقات مەركىزى تارقاتقان» دېگەن كۆزقاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خىتايدا يېڭى تارقالغان ۋە ھازىرغىچە 200~300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەبچى بولغان تېز تارقىلىشچان ۋىرۇس «كورونا ۋىرۇسى» تارقالغاندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر بۇ توغرىسىدا كۆپلىگەن خاتا مەلۇماتلارنى تارقاتتى.

بەزىلەر بۇ ۋىرۇسنى ۋۇخەن شەھىرىدىكى «<ۋىرۇس ئىلمى ئىنستىتۇتى>دىن تارقالدى» دەپ پەرەز قىلدى. يەنە بەزىلەر بۇ ۋىرۇسنىڭ بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقاتى جەريانىدا تارقالغانلىقىنى پەرەز قىلدى.

لېكىن، «ۋاشىنگتون پوچتا ژۇرنىلى» بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سۆھبەتتە، بىر قانچە نەپەر مۇتەخەسسىس «بۇ ۋىرۇس سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن ۋىرۇس» دېگەن پىكىرنى قاتتىق رەت قىلدى.

روتگېرىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىمىيە ۋە بىئولوگىيە پروفېسسورى رىپارد ئېدرايت مۇنداق دېگەن: «بۇ ۋىرۇسنىڭ گېن تۈزۈلۈشى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەنلىكىگە ھېچبىر دەلىل يوق».

مارىيلاندا ياشايدىغان بىئولوگىيە بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى تىم تىرەۋانىڭ دېيىشىچە، بەزى دۆلەتلەر بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا ھېچبىر ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ۋاز كەچكەن. تىم يەنە: «بۇ يېڭى كېسەل ۋە قەبىھ ۋىرۇسىلارنىڭ %99 ى تەبىئەتتىن كەلگەن» دېدى.

ئەنگلىيىدىكى «دائېلىي مائىل (كۈندىلىك پوچتا) گېزىتى» يېڭى تارقالغان ۋىرۇس بىلەن ۋۇخەندىكى دۆلەت بىخەتەرلىك لابوراتورىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى مەنبەلەردىن بىرى ئىدى. «دائېلي مائىل گېزىتى»دا تارقالغان خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىلگىرى ۋۇخەندىكى 2014- يىلى قۇرۇلغان بۇ لابوراتورىيىگە قارىتا «بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئەنسىرەش» بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاندىن «ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى» يۇقىرىقى كۆزقاراشلارنى بىر باسقۇچ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاينىڭ بىئولوگىيىلىك قورال پروگرامما لابوراتورىيىسى تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلۈش ئېھتىماللىقى بار» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلدى. «ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى» بۇ ماقالىدە «ۋۇخەن ۋىرۇس ئىلمى ئىنستىتۇتى»نى كۆرسەتكەن ئىدى.

«ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتى» تارقاتقان بۇ ماقالە سابىق ئىسرائىلىيە خەۋەر-ئىستىخبارات خادىمى دانى شوخاڭنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ يېزىلغان بولۇپ، لېكىن ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى دانى بىلەن ئالاقىلاشقاندا ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتەلمىگەن.

گەرچە كورونا ۋىرۇسىنىڭ سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا دەلىللەر ئاز بولسىمۇ، بۇ كۆزقاراش ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە سۇيىقەست كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا تاشلايدىغان بىر قىسىم تور بەتلەردە، ھەتتا بەزىبىر خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان.

ۋۇخەن دۆلەتلىك بىئولوگىيە بىخەتەرلىك لابوراتورىيىسى بولسا 4- دەرىجىلىك بىئولوگىيىلىك ھۈجەيرە تەتقىق قىلىش ئورنى. ئۇ يەرنىڭ خىزمەت بىخەتەرلىك سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، «ئېبولا ۋىرۇسى»غا ئوخشاش خەتەرلىك مىكرو جانلىقلارنىمۇ تەتقىقات قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

بۇ لابوراتورىيىگە كىرىدىغان كىشىلەر ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس كىيىم كىيىدۇ. لابوراتورىيىدىكى ئەخلەت ۋە ئىچىدىكى ھاۋانىڭ چىقىرىلىشى ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىدە سۈزۈپ تازىلىنىدۇ.

مارىيلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىمىيە قورال مۇتەخەسسىسى مېلتون لايتېندېرڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇ باشقا تەتقىقاتچىلار بىلەن كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقات قىلىش ئورنىدىن تارقالغانلىقى توغرىسىدا ئۆزئارا ئېلېكترونلۇق خەت يوللاشقان ئىكەن. لېكىن، مېلتوننىڭ دېيىشىچە، بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرىقى كۆزقاراشنى كۈچلەندۈرگىدەك بىرەر دەلىل تاپالمىغان ئىكەن.

مېلتون لايتېندېرڭ «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىدە: «ئەگەر ئۇلار (خىتاي) بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، بۇنى مەخپىي تۇتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەندىكىگە ئوخشاش لابوراتورىيىدە بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن» دېگەن.

ۋۇخەندىكى لابوراتورىيە بولسا سىرتتىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارغا تونۇلغان بىر جاي بولۇپ، بۇ ئىنستىتۇتتا خىتايدىكى باشقا ئىنستىتۇتلارغا قارىغاندا چەت دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرگە ئېچىۋىتىلگەن. بۇ لابوراتورىيىنىڭ ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ گالۋېستون دۆلەتلىك لابوراتورىيىسى بىلەن خېلى يېقىن مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، ۋۇخەندىكى بۇ لابوراتورىيە فرانسىيىلىك ئىنژېنېرلارنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان.

ئامېرىكا يېڭى جېرسېي شتاتىدىكى رۇتگرىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە ۋە بىئولوگىيە پروفېسسورى ئېبرايېت: «<ۋۇخەن ۋىرۇس ئىلمى ئىنستىتۇتى> بولسا دۇنياۋى دەرىجىلىك تەتقىقات مەركىزى. ئۇ يەردە دۇنياۋى خاراكتېرلىك ۋىرۇس ئىلمى ۋە ئىممۇنولوگىيىلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن. ئېبرايېت يەنە: «ئۇ لابوراتورىيىنىڭ بىر خۇسۇسىيىتى بولسا شەپەرەڭلەردىن تارقالغان كورونا ۋىرۇس ئائىلىسىنى تەتقىق قىلىش» دېگەن.

«دائېلي مائىل (كۈندىلىك پوچتا) گېزىتى» 2017- يىلى ترېۋاننىڭ «Nature» تور بېتىگە يازغان ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋۇخەندىكى لابوراتورىيىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىك ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئالغان. ترېۋان «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئەگەر بۇ لابوراتورىيىلەردە خەتەر يۈز بەرسە بۇ خەتەرنى قانداق كونترول قىلىش توغرىسىدا ئەنسىرگەن ئىدىم» دېگەن.  

ئەنگلىيىلىك سابىق دىپلومات ۋە ھازىرقى بىرلەشمە دۆلەتكە سىياسىي مەسلىھەتچى بولغان بىر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2017- يىلدىن ئىلگىرى ۋۇخەندىكى لابوراتورىيىنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ لابوراتورىيىلەردە ھېچقانداق بىر مەسىلە كۆرمىگەن ئىكەن. ئۇ، كورونا ۋىرۇسى «بىئولوگىيىلىك قورال تەتقىقات پروگراممىسى سەۋەبىدىن تارقالغان» دېگەن كۆزقاراشقا ئىشەنمەيدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى يىل تارقاتقان يىللىق دوكلاتىدا «خىتاي ئىككى جەھەتتىن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بىلەن بىئولوگىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دەپ يېزىلغان.

«يېڭى ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەركىزى»نىڭ خادىمى ئېلسا كانىيا گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىئو-تېخنىكا بىلەن قوراللىنىش مەقسىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر پايدىلىق قورال ھېسابلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئېلىسا مۇنداق دېگەن: «تەسەۋۋۇر قىلساق، بىئولوگىيىلىك قورالنىڭ قىرغىنچىلىقى يۇقىرى ھەم ئۈنۈملۈك بولىدۇ، لېكىن كورونا ۋىرۇسى تارقالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە خىتايدا ۋە دۇنيادا كەڭ تارقالماقتا».

«ماسەچۈسەت تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى»دىكى پروفېسسور ۋىپىن ناراڭ تىۋىتتېر ھېساباتىغا مۇنداق يازغان: «بىئولوگىيە قورالىغا نەزەرىيە جەھەتتىن قارىساق، ئۇنىڭ قىرغىن قىلىش كۈچى ھەقىقەتەن يۇقىرى، لېكىن بىر كىشىدىن يەنە بىر كىشىگە تارقىلىش نىسبىتى تۆۋەن. بۇنداق پىكىرلەرنى تارقىتىش ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك».

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى 2014- يىلى «ئېبولا ۋىرۇسى» تارقالغاندا، نارەسمىي تەشۋىقات مەنبەلەردە «بۇ ۋىرۇس ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن» دېگەن سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىققان. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ھەربىي لابوراتورىيىلەردە «ۋىرۇسنى قورال سۈپىتىدە قوللىنىش» مەسىلىسى تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، كېيىن بۇ ئىشلار ئەمەلدىن قالغان.

ھازىرغىچە يېڭى كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس. بەزى ئالىملار بۇ ۋىرۇسنىڭ تۇنجى قېتىم ۋۇخەندىكى بىر دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن تارقالغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن خىتاي تەتقىقاتچىلار بۇ خەۋەرنى جەزمىي ئەمەس دەپ قارىماقتا.  

1- ئاينىڭ 21- كۈنى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ باش تەھرىرى خۇ شىجىن تىۋىتتېر ھېساباتىغا «ھازىر جۇڭگودا يېڭى بىر سۇيىقەست كۆزقارىشى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ لوگىكىسى بويىچە بولسا، نېمىشقا بۇ ۋىرۇسلار دائىم جۇڭگودا يۈز بېرىدۇ؟» دەپ يازغان.

2020- يىل 2- ئاينىڭ 4- كۈن

پ د ف نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۇلانمىنى بېسىڭ!!!

https://drive.google.com/open?id=1LsXkt5H76V29T4vJJCnEnkcM_-p0Uajv

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here