يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ خىتايغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان دۆلەت ۋە رايونلار

0
603


ئامېرىكا: ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيەسى خىتاي ۋە خوڭكوك رايونىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلىرىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە قەدەر ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، ھازىر بۇ ۋاقىت چېكى سۈرۈلۈپ 4-ئاينىڭ 24-كۈنىگە بېكىتىلدى؛ دېلتا ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئەمەلدىن قالدۇردى؛ بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيەسى خىتاي ۋە خوڭكوڭ رايونىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە ئەمەلدىن قالدۇردى؛

فرانسىيە: فرانسىيە ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگە قەدەر توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛

جەنۇبىي كورىيە: سېئول ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى توختاتقان بولۇپ، قاچان ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى؛ جېجۇ ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛

تانزانىيە: تانزانىيە ئاۋىئاتسىيەسى توختاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 2-ئايدا ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان بولۇپ، ھازىر بۇ ۋاقىت يەنە كەينىگە سۈرۈلدى؛

ماۋرىتۇس: دۆلەت ئىچىدىكى خىتاي ۋە خوڭكوڭ رايونىغا ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛

ئاۋسترىيە: خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە توختىتىلدى؛

ئەنگلىيە: ئەنگلىيە ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛

مىسىر: مىسىر ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش كونكرېت ۋاقتىنى ئېلان قىلمىدى؛

ئىسرائىلىيە: ئىسرائىلىيە ئاۋىئاتسىيەسى خىتاي ۋە خوڭكوڭ رايونىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛

ئىسپانىيە: ئىبېرىيە ئاۋىئاتسىيەسى مادرىد شەھىرىدىن شاڭخەي شەھىرىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛

كېنىيە: كېنىيە ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلمىدى؛

گوللاندىيە: خان جەمەتى ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى3-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛

ھىندونېزىيە: شىر ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى؛

پولشا: LOT ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ چېكىنى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگە قەدەر ئۇزارتتى؛

سەئۇدى ئەرەبىستانى: دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلمىدى؛

قاتار: قاتار ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلمىدى؛

رىۋاندا: رىۋاندا ئاۋىئاتسىيەسى خىتايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلمىدى؛

ۋيېتنام: VieJet ئاۋىئاتسىيەسى ۋە ۋيېتنام ئاۋىئاتسىيەسى خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن رايونلىرىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر توختاتتى.

كانادا: كانادا ئاۋىئاتسىيەسى تورونتو شەھىرىدىن خوڭكوڭ رايونى، بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھىرىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە توختاتتى، لېكىن ۋانكۇۋېر شەھىرىدىن خوڭكوڭ رايونىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار نورمال خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؛

خىتاي: خىتاي ئاۋىئاتسىيەسى گرېتسىيە پايتەختى ئافېنا شەھىرىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى توختىتىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەڭشەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشت بىلەن خىتاينىڭ چۇڭچىڭ شەھىرى ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلانى توختاتتى؛

يېڭى زېلاندىيە: يېڭى زېلاندىيە ئاۋىئاتسىيەسى ئاۋكلاند شەھىرىدىن شاڭخەي شەھىرىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئەمەلدىن قالدۇردى؛

ياپونىيە: ياپونىيە ANA ئاۋىئاتسىيە شىركىتى خوڭكوڭ ۋە شاڭخەيگە بارىدىغان لىنىيەلەرنى ۋاقىتلىق توختاتتى، ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى ئېلان قىلمىدى؛

خوڭكوڭ: خوڭكوڭ Cathay تىنچ ئوكيان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلىرىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى توختىتىشنى قارار قىلدى؛

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى: خەلىپىلىك ئاۋىئاتسىيەسى دۇنيادىكى چوڭ يولۇچى توشۇش شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي بېيجىڭ شەھىرىدىن باشقا جايلىرىغا بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى؛

فىنلاندىيە: فىنلاندىيە ئاۋىئاتسىيەسى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، خوڭكوڭ رايونىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قېتىم سانىنى تۆۋەنلەتتى؛

جەنۇبىي كورىيە: كورىيە دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيەسى خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارىدىغان سەككىز لىنىيەنى توختاتتى؛

فىلىپپىن: فىلىپپىن ئاۋىئاتسىيەسى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قاتنايدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يېرىمىنى توختاتتى؛

ماراكەش: ماراكەش خان جەمەتى ئاۋىئاتسىيەسى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بىۋاستە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. كېيىن كاسابلانكا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەپتىدە بىر قېتىم قاتنايدىغان قىلىىپ يېڭى لىنىيە ئاچتى؛

رۇسىيە: رۇسىيە Aeroflot دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن باشقا بارلىق رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ خىتايغا ئۇچىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تولۇق توختاتتى. Ikar ئاۋىئاتسىيەسى موسكىۋا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ھازىرچە توختاتمىدى. خىتايدىن ئۇچۇپ كەلگەن ئايروپىلانلار ئايرىۋېتىلگەن باشقا ئايرودرومغا قوندۇرۇلىدۇ؛

دانىيە: نوردىك ئاۋىئاتسىيەسى شاڭخەي ۋە بېيجىڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى 3-ئاينىڭ 29-كۈنىگە سۈردى؛

سىنگاپور: سىنگاپور ئاۋىئاتسىيەسى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چېڭدۇ، شيامېن ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئۇچۇشتىن توختاتتى. يىپەك ئاۋىئاتسىيەسى بۇ شەھەرلەرنىڭ بەزىسىگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تېخى ئەمەلدىن قالدۇرمىدى؛

ئامېرىكا: ئامېرىكا UPS تېز يەتكۈزۈش شىركىتى خىتايغا ئۇچىدىغان 22قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى بىكار قىلدى؛

ئەنگلىيە: ۋىرجىن ئاتلانتىك ئاۋىئاتسىيەسى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگە كېچىكتۈردى؛

ئاۋسترالىيە: ۋىرجىن ئاۋسترالىيە ئاۋىئاتسىيەسى ۋىرۇس ۋە قالايمىقانچىلىق سەۋەبلىك سىدنېي بىلەن خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان لىنيەدىن تولۇق شەكلىدە چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

2020-02-22

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here