ئامېرىكىنىڭ چارلاش ئايروپىلانى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

0
805
P-8A


2- ئاينىڭ 27- كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتى تىنچ ئوكياندىن ئۇچۇۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ P-8 تىپلىق چارلاش ئايروپىلانىغا ھەربىي ساھەدە قوللىنىلىدىغان ئىنفىرا قىزىل نۇر قويۇپ بەرگەن ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «خەتەرلىك ۋە كەسپى ئەمەس» دەپ ئاتىغان.

ھەربىي ساھەدە قوللىنىلىدىغان ئىنفرا قىزىل نۇر بولسا نۇرى كۈچلۈك، ئۇزۇن مۇساپىلىك بولۇپ بۇ نۇر ئۇچقۇچىلار بۆلۈمىگە چۈشۈرۈلگەندە ئۇچقۇچىلار ۋاقىتلىق ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدىكەن. بۇ ۋەقە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىك ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىكەن.

بەشبۇرجەكلىك بىنا ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتاينىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە كۈنسېرى ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇلارنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا سالغان كۆپ مەبلەغلىرى ئۇلارنىڭ «رايون ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش» مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيغان.

ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپىر مۇنداق دېگەن: « بىز ئۇلار (خىتاي) نىڭ جەنۇبى دېڭىز رايونىدا ئاراللارنى بېسىۋېلىش ۋە شۇ ئاراللارنى ھەبىيلەشتۈرۈش ئىشلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلدۇق. ئۇلار قوراللىق كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ ۋە يېڭى تېخنولوگىيىلەرگە ئېرىشى ئارقىلىق دۇنيا كۈچىنى باشقىلارنىڭ زىيىنىغا بولسىمۇ ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن قوللانماقچى بولىۋاتىدۇ».

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىغا ئىنفىرا قىزىل نۇر قويۇپ بېرىشىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن. بۇنداق ۋەقەلەر بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ 2018- يىل ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ US C-130J تىپلىق ئايروپىلانى جىبۇتى ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچۇۋاتقاندا جىبۇتىدىكى خىتاي ھەربىي بازىسىدىن بۇ ئايروپىلانغا قۇيۇپ بېرىلگەن ئىنفىرا قىزىل نۇر سەۋەبىدىن ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى زەخىملەنگەن.

2020-03-01

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here