كورونا ۋىرۇسى خەلقئارالىق تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشىنى توختاتتى

0
229


خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى تىپتىكى كورونا ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن خەلقئارالىق تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن LG, Samsung  ۋە  Apple قاتارلىق شىركەتلەر ئىشلەپ چىقىرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا مەجبۇرى بولغان.

ل ج (LG) شىركىتى ئىككى زاۋۇتنى تاقىدى

كورىيىنىڭ تېخنولوگىيە شىركىتى بولغان LG  دۆلىتىدىكى ئىككى زاۋۇتنى تاقاشنى قارار قىلغان. شىركەت، گۇمې شەھىرىدىكى كامېرا ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتىدىكى بىر كىشىنىڭ Kovid-19  ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن زاۋۇتنى تاقىغان.

سامسوڭ (Samsung) شىركىتى ئىشلەپ چىقىرىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان

سامسوڭمۇ گۇمى شەھرىدىكى ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتىدا بىر كىشىنىڭ Kovid-19  ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن زاۋۇتنىڭ خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىش قارارىنى چىقارغان.  شىركەت تەرەپنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋىرۇس تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زاۋۇتنى ۋاقىتلىق تاقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالما (Apple)شىركىتىمۇ ئىشلەپ چىقىرىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان

خەلقئارا بازارنىڭ بېشى ھېسابلىنىدىغان ئالما شىركىتىنىڭ تەيۋەندىكى باش شىركىتىدە Kovid-19  ۋىرۇس بايقالغانلىقى ئۈچۈن ئىشلەپ چىقىرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش قارارى چىقارغان.

2020-03-04

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here