خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسىغا قارشى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقان

0
230


3- ئاينىڭ 3- كۈنى خىتاينىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرى 3- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن 15.58 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجراتقان ئىكەن.

مالىيە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى فۇ جىنلىڭ، جۇڭگونىڭ بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاش ئۈچۈن كارخانىلارنى 1 تىرىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇ يىل كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي باج يۈكىنى 510 مىليارد يۈەن ئازايتىشنى نىشان قىلدى، شۇنداقلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان خۇبېي ئۆلكىسىدىكى شىركەتلەرنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى بەش ئاي كەچۈرۈم قىلىشىغا يول قويدى.

2020-03-04

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here