ئامېرىكا دۆلىتىدىكى خىتاي مۇخبىرلارنىڭ سانىنى ئازلاتماقچى

0
146


3- ئاينىڭ 3- كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئامېرىكا تەرەپنىڭ دۆلىتىدىكى «خىتاي تەشۋىقات ئورگانلارغا قويغان يېڭى چەكلىمىلىرىگە» قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ جەنۇبى جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجەندىن نەقىل قىلىشىچە، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي رۇخسەت بەرگەن مۇخبىرلىرىنىڭ سانىنى ئازلىتىش» قارارى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزىدۇ» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى يەنە مۇنداق دېگەن: “جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىش ھەققى با»

3_ئاينىڭ 2_كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇڭگو خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قانىلى، جۇڭگو خەلقئارالىق رادىئو ئىستانىسى، جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى ۋە خەلق كۈندىلىك گېزىتى قاتارلىق 5 تەشۋىقات ئورگانىنىڭ ئامېرىكىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانىغا چەكلىمە قويغان. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ھۆكمىتى خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ئورگانلىرىنى “خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالى” دەپ جاكارلىغان.

ھازىر ئامېرىكىدا بۇ 5 خىتاي تەشۋىقات ئورگانىغا تەۋە 160 نەپەرخىتاي پۇقراسى بار بولۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قارارى 3- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن تارتىپ ئەمەلگە ئاشىدىكەن. بۇ قارار ئەمەلىلەشكەندىن كېيىن بۇ سان ئازلايدىكەن.

جاۋ لىجەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پوزىتسىيىسىنى “سىياسىي تاجاۋۇزچىلىق “دىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ ئۇچۇر مەسئۇلى خۇا چۇنيىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ھازىر ئامېرىكىنىڭ 29 تەشۋىقات ئورگانلىرى بار ئىكەن. يەنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى تەشۋىقات ئورگانىدىن 20 سى كۆپ دېگەن گەپ.

خۇا يەنە: «بىز ئامېرىكا تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىغا كۆپ قېتىم كىرىش ۋىزىسى بەردۇق. لېكىن ئامېرىكا بىزنىڭ تەشۋىقات ئورگانىدا خىزمەت قىلىدىغان پۇقرالىرىمىزغا بىر قېتىملىق كىرىش ۋىزىسى بېرىدۇ. ئالدىنقى يىلدىن ھازىرغىچە 21 نەپەر خىتاي پۇقراسى بولغان مۇخبىرلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋىزا بەرمىدى. ئەمدى ئامېرىكا ئويۇننى باشلاپ بەردى، بىزمۇ ئويناپ باقايلى!» دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغان بۇ يېڭى تۈزۈمى بويىچە ئامېرىكىدىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى 3- ئاينىڭ 6- كۈنگىچە ئامېرىكىدا قالىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىكىنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

2020-03-07

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here