ئامېرىكا ۋە كانادا ھاۋا ئارمىيىسى رۇسىيىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانىنى توسۇۋالدى

0
194

شىمالىي ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ F-22 كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن كانادانىڭ CF-18 كۈرەشچى ئايروپىلانى دۈشەنبە كۈنى ئالياسكا دېڭىز قىرغىقىدىن ئۇچۇۋاتقاندا رۇسىيىنىڭ ئىككى دانە رازۋېدكا ئايروپىلانىنى توسۇۋالغان.

بۇ توسۇش ھەركىتى، ئامېرىكا تەرەپ رۇسىيىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى ھەربىي پائالىيىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ۋە ئىككى دۆلەت ھەربىيلىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيىتتە يۈز بەرگەن.

شىمالىي ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا: رۇسىيىنىڭ ئىككى دانە Tu-142 دېڭىز رازۋېدكا ئايروپىلانى دۈشەنبە كۈنى ئالياسكا ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەن. ئەمما ئامېرىكا ياكى كانادا ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۆتمىگەن.  ئايروپىلان باۋفورت دېڭىزى ئۈستىدىكى خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلانغان بولۇپ ئالياسكا دېڭىز قىرغىقىغا 50 دېڭىز مىلى يېقىنلاشقان.

2020-03-11

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here