ئىراقتىكى ئامېرىكا بازىسى راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

0
365


3- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىراق پايتەختى باغداتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ بازىسىغا 20 دانە راكېتا ئوقى چۈشكەن.  بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ بازىغا ئىراقتىكى ئىران ياللانما ئەسكەرلىرى ھۇجۇم ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئىران تەرەپ ئامېرىكا ئىران ئىنقىلابىي قىسمىغا تەۋە قۇددۇس بېرگادىسىنىڭ باش مەسئۇلى قاسىم سۇلايمانىنى ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن ئۆلتۈرگەندىن كېيىنكى بىرىنچى ئېيىدا بۇ بازىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان.

ئىلگىرىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا مەسئۇللىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى راكېتا ھۇجۇمىدا 2 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە بىر نەپەر ئەنگلىيە ئەسكەر ئۆلگەن ۋە ئاز دېگەندە 12 نەپەر بىرلەشمە قوشۇن ئەسكىرى يارىلانغان.

بۇ ھۇجۇمدىن كېيىن ئامېرىكا ئىراق چېگراسىغا جايلاشقان سۈرىيىنىڭ ئەلبۇكمال شەھىرىدىكى ئىران ئارمىيىسىنىڭ 15 نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

2020-03-17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here