خىتاي ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقارماقچى

0
300


خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ 3 چوڭ ئاخبارات ئورگان مۇخبىرلىرىنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغان. بۇ چەتئەل تاراتقۇلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇم بولسا، بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىغا قارىتا سۈركىلىشىنىڭ كۈچىيىشى ھېسابلىنىدۇ.

3- ئاينىڭ 17- كۈنى چىققان بۇ قارار بويىچە نيۇرۇك ۋاقتى گېزىتى، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى ۋە ۋالسترېت گېزىتىدە خىزمەت قىلىدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن توشۇپ قالسا 10 كۈن ئىچىدە خىزمىتىنى توختىتىشى ۋە  ئاخبارات كىنىشكىسىنى ھۆكۈمەت تەرەپكە تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇلارنىڭ يەنە خىتاينىڭ ئوتتۇر قۇرۇقلۇقتىلا ئەمەس بەلكى خوڭكوڭدىمۇ خىزمەت قىلىشى چەكلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى، بولسا ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلىتىدىكى خىتاينىڭ 5 چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنى «چەتئەل ۋەزىپىسى» تۈرگە ئايرىغانلىقى ۋە ئاخبارات ئۇرگانلارنىڭ خادىملىرىغا قويغان چەكلىمىلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان قايتۇرما زەربىسى دەپ قارالماقتا.

2020-03-17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here