رۇسىيە ئىقتىسادى چۆكۈشكە باشلىماقتا

0
361

رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ يېقىنقى تۆت سودا كۈنىدىكى پېرېۋوت جەريانىدا كۇرسى %13 چۈشۈپ كەتتى، پۈتۈن يىلدىكى كۇرسى چۈشۈشى %21 بولۇپ، ۋەيران بولۇشنىڭ يېڭى سەپىرى باشلاندى! ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە كىرىمى تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنىڭ چوڭامى. نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ مالىيەنى قوللىشىغا زىيادە تايىنىۋېلىش رۇسىيەنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى. رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئاچچىقلىشىپ قېلىپ، نېفىت مەھسۇلاتىنى ئازايتىشقا ئۇنىماي، ئاچچىقىدا كالتەك-توقماق كۆتۈرىدىغان يەرگە يەتتى.

نېفىت باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى %10 چۈشۈش ئاساسىدا، يەنە %30تىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتتى. ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 27 دوللارغا چۈشتى، ھەمدە رۇبلىنى چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىردى.

رۇبلى 3-ئاينىڭ 6-چېسلا يەنە بىر قارا جۈمە كۈنىنى ئۆتكۈزدى. موسكۋا ئاكىسيە بېرژىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى 68 رۇبلى ئۆرلەپ، ياۋرو 77 رۇبلى ئاشقان. رۇسىيە بىلەن ئوپېكنىڭ نېفىت مەھسۇلاتى كېمەيتىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەندىن بۇيان، رۇبلىنىڭ قىممىتىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئوپىك جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن قارار چىقىرىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى نېفىت باھاسى %10 چۈشتى. برېنت سودىسىدىكى ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 48 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولدى. ئوپېك سۆھبىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولدى. بۇنداق بولىۋەرسە، رۇسىيە نېفىت بىلەن رۇبلىنى بىرلا ۋاقىتتا قوغداشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

بولمىسا، رۇسىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. نۆۋەتتە رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، 71 رۇبلى بىر ئامېرىكا دوللىرىلىق ھالەتتە تۇرماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى يەنە 10 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىسە، رۇبلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان باھاسى يەنە بەش رۇبلى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە رۇسىيە مالىيەسىنىڭ تەڭپۇڭ تەننەرخىدىكى ھەر تۇڭ نېفىت باھاسى 48 دوللارغا يېقىنلاشتى. لېكىن ھازىر نېفىت 30 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ كەتتى، رۇسىيە بۇنىڭدىن ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتتى. خامچوت قائىدىسىگە ئاساسلانغاندا، ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 42.4 دوللاردىن تۆۋەن بولغاندا، پۇل-مۇئامىلە دائىرىلىرى چوقۇم بازارغا كىرىشى كېرەك. ئەگەر ماي باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلىسە، كرېمىل سارىيى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

ئەگەر ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 20 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشسە، ئۇنداقتا بىر ئامېرىكا دوللىرىنى 80-85 رۇبلىغا، ھەتتا 100 رۇبلىغا ئالماشتۇرۇلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بارلىق ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتلەرنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولۇپ قالسا، رۇسىيە ئىقتىسادى ھوشسىز ئادەمدەك بولۇپ قالىدۇ. يېقىنقى ئالتە يىلدا رۇبلىنىڭ كۇرسى %60كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى. رۇسىيە پۇقرالىرى بەك بىچارە بولۇپ قالىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدە تاپقان پۇل بىكارغا تاپقان بىلەن باراۋەر بولۇپ، رۇبلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا تېگىشكىلى بولمايدۇ، خەجلىگىلى بولىدىغان رۇبلىسىمۇ ھېچقانچە قالمايدۇ.

ھازىر كاپىتال بازىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھازىر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش تەسىرىدىن باشقا، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى ئېلىپ كەلگەن بازار ۋە ئىقتىسادىي خەۋپ-خەتەرمۇ كېڭىيىۋاتىدۇ. بۇ خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، ئەسلىدىلا دەرد ئۈستىگە ئەلەم بولغان ئىقتىساد تېخىمۇ ئاجىزلاشتى.

تارىخقا نەزەر سالسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، رۇبلى ھەقىقەتەن ئىشەنچىسىز.

1961-يىلى 1-ئايدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پۇلى بولغان رۇبلىنىڭ ئالتۇن مىقدارىنى 0.987412 گىرام قىلىپ بېكىتكەن (شۇ ۋاقىتتىكى بازار بويىچە 0.987412 گىرام ئالتۇننىڭ قىممىتى بىر رۇبلى دېگەن گەپ)، ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت باھاسى بىر ئامېرىكا دوللىرى 0.9 رۇبلىغا باراۋەر قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، يېقىنقى 30 يىلدا بۇ پېرېۋوت نىسبىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى.

يەنى مىليون رۇبلىسى (كونا رۇبلى) بار مىليونېرنىڭ قىممىتى ئامېرىكا دوللىرى بىلەنمۇ مىليونېر بولالايدۇ دېگەن گەپ.

1961-يىلى 1-ئايدا، بىر دوللار 0.90 رۇبلى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى، تەخمىنەن 1987-يىلى، بىر ئامېرىكا دوللىرى 0.60 رۇبلى.

1990-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر ئامېرىكا دوللىرى 1.80 رۇبلى.

1991-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بىر ئامېرىكا دوللىرى 170 رۇبلى.

1994-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر دوللار 35 رۇبلى.

1995-يىلى 7-ئايدا، بىر دوللار 4553 رۇبلى.

1997-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىر دوللار 5801 رۇبلى.

1998-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، بىر دوللار 6010 رۇبلى (كونا رۇبلى).

ئاندىن يېڭى رۇبلى يولغا قويۇلدى.

بىر دوللار 6.01 يېڭى رۇبلى بولدى (رۇسىيە بىر يېڭى رۇبلىنى مەجبۇرىي ھالدا 1000 كونا رۇبلىغا ئالماشتۇرغان).

2000-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىر ئامېرىكا دوللىرى 27.77 يېڭى رۇبلى.

2009-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىر ئامېرىكا دوللىرى 36.43 يېڭى رۇبلى.

بۈگۈنگە قەدەر (2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى)، بىر ئامېرىكا دوللىرى 71.7 يېڭى رۇبلى.

1987-يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر 33 يىلدەك ۋاقىت ئۆتتى، بىر دوللار 0.6 كونا رۇبلىغا ئالماشتۇرۇلغاندىن تارتىپ، بۈگۈن 71.7 يېڭى رۇبلىغا (قىممىتى تەخمىنەن 71 مىڭ 700 كونا رۇبلى) يەتتى. بۇ جەرياندا تەخمىنەن 120 مىڭ ھەسسە كۇرسى چۈشۈپ كەتتى.

ئەگەر، 1987-يىلى رۇسىيەلىك بىر مىليونىر بولغان بولسا، ھازىر بىر رۇبلى خەجلىمەي تۇرۇپلا پۇلى يوق گاداي بولۇپ قالغان بولاتتى.

شۇڭا، رۇسىيە خەلقىنىڭ داۋاملىق قۇرۇق پۇل ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاينى يوق رۇبلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى كۆرۈپ ئولتۇرماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز، گەرچە ئامېرىكا دوللىرى بازىرى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا دوللىرى يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك خەۋپتىن ساقلىنىش قورالى بولالايدۇ.


2020-03-24

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر….

رۇسىيە مەركىزى بانكىسى رۇبلىنىڭ قىممىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا دوللىرىنى بازارغا تارقاتقان «چاقماق خەۋەر»
http://uynews1.com/?p=3355


سىياسىي قىسقا فىلىملەرنى كۆرۈش ئۈچۈن….
https://www.youtube.com/channel/UCrxDM4Lv1UP0dDqUfzw9cfA/videos

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here