بىر دانە خىتاي پاراخوتى مالايسىيا دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن

0
199


خەلقئارا پاراخوت ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاش «دېڭىز قاتنىشى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4- ئاينىڭ 9- كۈنى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى سەييا دېڭىز قىرغىقىدىن يولغا چىققان بىر تەتقىقات پاراخوتى مالايسىيانىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت شىركىتى پېتروناسنىڭ پاراخوتىغا يېقىنلاشقان.

مالايسىيا دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىك ئىدارىسى (APMM) نىڭ باش دېرىكتورى موھد زۇبىل مات سوم ئىنتېرنېت تورى تور بېتىگە قىلغان سۆزىدە «بىز بۇ ھەرىكەتنىڭ نېمە مەقسەتتە قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئەمما خىتاينىڭ قىلغانلىرى قانۇنغا خىلاپ» دىگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

موھد زۇبىل مۇنداق دېدى: بىز ئۆزىمىزنىڭ دېڭىز سۇلىرى ئىچىدىكى بارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق كونترول قىلىمىز. ئۇ يەنە خىتاي پاراخوتى يېقىنلاشقان رايوننىڭ مالايسىيا دېڭىز تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خەلقئارالىق ھەرىكەت داۋاملاشقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا، 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋېيتنامنىڭ بىر دانە بېلىقچىلىق كېمىسى چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ بۇ پاراخوتنى «خىتايغا تەۋە بىر پاراخوت تەرپىدىن چۆكتۈرۋېتىلگەنلىكى» تىلغا ئېلىنماقتا.

2020-04-20

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here