رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا يۇقۇملىنىشتىمۇ بىرىنچىلىكنى تالاشماقچىمۇ؟

0
284


دۇنيا مىقياسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى، دەسلەپتە يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقىغا ئىشەنمەيدىغان دۆلەتلەرگە بۇ خىل يۇقۇمنىڭ يامانلىقىنى تونۇتتى. بۇ خىل ۋىرۇس كۈچلۈك تارقىلىشچانلىقىغا تايىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور مىقداردا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتايدا يۇقۇم ئېغىر ئىدى، ھازىر ئاساسەن كونترول قىلىندى، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا دۇنيا بويىچە يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، رۇسىيەدە يۇقۇملانغۇچى سانى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. ئەجىبا، قامال قىلىپ قاتناشنى ئۈزۈپ قويغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوقمۇ؟ رۇسىيەدىكى يۇقۇم ئېغىر دەرىجىدە تارقىلىپ، كېيىنكى ئامېرىكىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا.

ھازىر رۇسىيەدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى، ئامېرىكا داۋاملىق بىرىنچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم ساقلاۋاتىدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەر رۇسىيەدىكى ئەمەلىي يۇقۇملانغانغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ھەتتا كېيىنكى ئامېرىكىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيەدىن خىتايغا قايتىپ كەلگەنلەر ئىچىدە يۇقۇملانغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، بۇ ئەھۋال نۇرغۇن ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ رۇسىيەدە تەكشۈرۈلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ خىل ھۆكۈم نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىنتايىن ئەندىشىگە سالىدۇ، بۇ رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك مۇھىتتا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئەتراپىدا ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى ھەر ۋاقىت بار بولۇشى، پەقەت ۋاقتىدا بايقالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

رۇسىيە بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەرنى قامال قىلىش تەدبىرىنى جىددىي قوللاندى. ئەمما شەھەرنى قامال قىلغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە يېڭى سىياسەت يولغا چىقىپ، تونۇشتۇرۇش خېتى ئالسىلا سىرتقا چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق بۇ خىل تونۇشتۇرۇش خېتى بولسىلا سىرتقا چىققىلى بولىدىغان سىياسەت ئەمەلىيەتتە ناھايىتى كۆپ، قانداق ئىجرا قىلىشتا ئاساسلىقى يەنىلا كۆپچىلىككە تايىنىدۇ. ئەگەر بەزى كىشىلەر كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرماقچى بولسا، ۋىرۇس يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا مەجبۇرىي ئايرىۋەتمىسە، يۇقۇمنى كونترول قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم رۇسىيەدە پارتلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. رۇسىيەدىكى يۇقۇم باشقا دۆلەتلەردىن بىر قەدەر چوڭ پەرقلىنىدۇ. سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە رۇسىيەدىكى يۇقۇملانغان بىمارلار ئىچىدە ياشلار بىر قەدەر كۆپ، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. رۇسىيەنىڭ بۇنداق ھالەتكە كېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، تەكشۈرۈشنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئانچە كەڭ بولمىغان. بۇنداق بولغاندا، ۋىرۇسنى يۇشۇرۇن ئېلىپ يۈرگۈچى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.

ناھايىتى زور يۇقۇمدارلار ئالدىدا، رۇسىيە ھازىر دۇچ كەلگەن خىرىس ئىنتايىن چوڭ، گەرچە رۇسىيەدە خېلى كۆپ نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى بولسىمۇ، ئەمما ئادەم سانى بەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلارنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولغاچقا، رۇسىيەنىڭ داۋالاش سىستېمىسى بىر مەھەل پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. گەرچە رۇسىيەنىڭ نوپۇسى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا كارىۋات كەمچىل بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى، رۇسىيەمۇ خىتايدىن ئۆگىنىپ «چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسى» ياساۋاتىدۇ، ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلارنى تېزدىن ئايرىپ داۋالىماقچى بولدى.
گەرچە ھازىر نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيە كېيىنكى ئامېرىكىغا ئايلىنىدۇ دەپ قاراۋاتىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى دۆلەتتە يۇقۇملانغۇچىلار ئوخشاشلا ئىنتايىن كۆپ، لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ يەنىلا ئوخشىمايدىغان يېرى بار. ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيە مەسىلىسى، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا پۇتىن ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇنى كېيىنكى ئامېرىكىغا چوقۇم ئايلىنىدۇ دېيىش ئانچە توغرا ئەمەس.


2020-05-03

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here