ئىران: ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق «دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئوخشاش» ھەرىكىتىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىمىز

0
134

ئىران ئامېرىكىنىڭ خىرس قىلىشلىرىغا  قارىماستىن خەتەرلىك ھەرىكەتتە ۋېنېزۇئېلاغا يېقىلغۇ ئەۋەتتى. 45 مىليون 500 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى بېنزىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى توشۇيدىغان بەش چوڭ ئىران نېفىت پاراخوتى تېھراننىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ رەقىبى ۋېنېزۇئېلاغا قاراپ يولغا چىقتى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېھران ۋېنېزۇئېلانى بېنزىن بىلەن تەمىنلەش بەدىلىگە كەم دېگەندە توققۇز توننا ئالتۇن تاپشۇرۇۋالىدىكەن. لاتىن دۆلىتىنىڭ تەخمىنەن 70 توننا ئالتۇن بارلىقى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان قىممەتلىك بايلىققا ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ۋاشىنگىتون كارىب دېڭىزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۇرۇش پاراخوتى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ۋاشىنگىتوندىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئالدىنقى ھەپتە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ ۋېنېزۇئېلاغا يېقىلغۇ توشۇشىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىراننىڭ ۋېنېزۇئېلاغا يېقىلغۇ توشۇشىغا قاراتقان ھەر قانداق «دېڭىز قاراقچىلىرىغا ئوخشاش» ھەرىكىتىنىڭ «قاتتىق ئىنكاس» پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

2020-05-20

گۇرۇپپىمىز تەرپىدىن ئىشلەنگەن سىياسىي فىلىملەرگە قىززىقسىڭىز….
https://www.youtube.com/channel/UCrxDM4Lv1UP0dDqUfzw9cfA

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here