ئامېرىكا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىشىنى پىلانلىماقتا

0
91


خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىغا قارىتا «ئالاھىدە رايونلۇق» ئورنىنى بىكار قىلىش قەدىمىنى ئېلىشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ئۆز زېمىنىدا ئوقۇۋاتقان ۋە خىتايدىكى ھەربىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىسى بار ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشنى پىلانلىدى.

بۇ پىلان يولغا قويۇلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان 3000 غا يېقىن خىتاي ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ياكى مەركەزدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش كۈن تەرتىپىگە كېلىدۇ.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەگەر بېيجىڭ بۇ قارارغا قارشى يېڭى جازا بىلەن جاۋاب قايتۇرسا، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاپلاش دائىرىسى كۆپىيىدىكەن.

ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى باشقۇرغۇچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر باشقۇرغۇچىلار بۇ قارارنى چىقارسا، مائارىپ ئورگانلىرىدا «ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىرقچىلىق كۆپىيىدۇ».

ئامېرىكىنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان جازانى يولغا قويۇش قارارىنىڭ بۇلتۇر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» ۋە ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي كەلتۈرۈپ چىقارغان كوۋىد-19 ۋىرۇسى» توغرىسىدىكى سۆزىدىن كېيىن كرىزىسنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىن ئۈمىد بار.

2020-05-30

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here