ئامېرىكا گېرمانىيىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى چېكىندۈرمەكچى

0
106

گېرمانىيەدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ دۆلەتكە ئورۇنلاشقان بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈش پىلانى ئىنكاس قوزغىدى.

گېرمانىيە فېدېراتىپ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ھەمراھى بولغان خىرىستىيان دېموكراتىك بىرلەشمىسى (CDU) پارتىيىسىدىكى نۇرغۇن سىياسىئونلار ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق 34 مىڭ 500 ئەسكەرنىڭ 9500 نى چېكىندۈرۈش پىلانىنى تەنقىد قىلدى.

خىرىستىيان بىرلەشمىسى پارتىيىلىرى (CDU / CSU) پارلامېنت گۇرۇھى تاشقى سىياسەت باياناتچىسى يوھان ۋادىفۇل مۇنداق دېدى: «بۇ پىلانلار تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولغان ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىر گەۋدىلىشىشكە سەل قارىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى بارلىق شېرىكلەرنىڭ ئىتتىپاقتىن نەپ ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ۋادىفۇل «ۋاشىنگتوندا بۇنىڭغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئۇزۇندىن بۇيان گېرمانىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇردى. ئامېرىكىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى رىچارد گرېنېل ئەگەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرمىسا ، بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىمىز دەپ تەھدىد سالغان.

2020-06-06

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here