دوللارنىڭ دەۋرى ئاخىرلىشامدۇ؟ «ئىقتىسادى كۆزنەك»

0
242

دوللارنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىقتىسادىي دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن ئېشىپ چۈشۈپ بارا-بارا خەلقئارا سودىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا باشلىدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىك ئورنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى سىجىل تۆۋەنلەپ، ياسىمىچىلىق كەسىپلىرى چەتئەلگە يۆتكىلىشكە باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسى 26 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، يىلدىن-يىلغا ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بۇ قەرزلەرنى مەڭگۈ قايتۇرۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن.

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا: «بۇنىڭ سەۋەبى ھەممە ئادەم ئامېرىكىدىن قورقىدۇ، ئامېرىكا دوللارنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ دۇنيا بايلىقىنى خالىغانچە تالان-تاراج قىلىدۇ. يۇقۇم مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ئېغىر بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا پەقەت دوللارنى كۆپلەپ بېسىش ئارقىلىقلا، ئىقتىسادىنى ۋاقتىنچە مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ» دېدى.

رۇسىيەنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى بولمىغان. ئىلگىرى، خەلقئارا سودىنىڭ %60-%70 ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى، ھازىر بۇ نىسبەت %50كىمۇ يەتمەيدۇ. دوللارنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئورنىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشىگە قارىتا نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي پۇلى دوللارنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى خەلقئارا سودىدا ئاساسەن ياۋرو ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، رۇبلىنىڭ خەلقئارا سودىدىكى ئورنىمۇ تەدرىجىي ئېشىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ خىتاي-رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا، رۇبلىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %50تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن.

40 نەچچە يىل ئىلگىرى، دوللار ئالتۇن بىرلىكىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پۇل بېسىش ۋە زايوم تارقىتىش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، دوللار ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتىكى شانلىق دەۋرىگە قايتالمايدۇ. ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئاساسلىقى دوللار بىلەن راسچوت قىلىناتتى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بولسا، خىتاي بىلەن رۇسىيە مالنى-مالغا بىۋاستە ئالماشتۇرۇپلا قالماستىن، ياۋرونى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل پۇل بىلەن راسچوت ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، ھازىر دوللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئازايتىش ئاساسەن ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى.

2020- يىل 7- ئىيۇن

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here