ئامېرىكىدىن ئىران ۋە خىتاينى ئاساس قىلغان 2 توشۇش شىركىتىگە ئىمبارگو…

0
109

مايك پومپېيو ئىراننىڭ تىرانسىپورت شىركىتى (IRISL) ۋەخىتاينىڭ شاڭخەيدىكى كەسىپدىشى E-Sail نى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پومپېيو بۇ تېمىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ ، تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا جازا يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەر، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللار، ئۇراننى موللاشتۇرۇش تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن پومپېيو تۆۋەندىكى ئىپادىلەرنى قوللاندى:

«گەرچە ئىران ھاكىمىيىتى يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ماتېرىيالغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ ، ئەمما بۇ يۆنىلىشتىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 2231-نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپلىق قىلدى. بۇ قارار IRISL ۋە E-Sail بىلەن ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتىگە قارىتا چىقىرىلدى. دۇنيا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ ، ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىراننىڭ ئۇراننى موللاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ تەھدىد سالىدۇ ».

2020-06-09


يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here