خىتاي لۇبناندا مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزى ئاچماقچى

0
105

5-ئاينىڭ 27- كۈنى خىتاينىڭ لۇبناندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، خىتاي بىلەن لىۋان ئىككى دۆلەت ئىچىدە مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزى ئىچىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

لۇبناندىكى خىتاي ئەلچىسى ۋاڭ كېجاڭ بىلەن لىۋان مەدەنىيەت مىنىسىتىرى ئابباس مۇرتازا بىلەن پايتەخت بېيرۇتتا بۇ كېلىشىمگە ئىمزالىغان. بۇ ئارقىلىق خىتاي لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا «خىتاي مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزى» ئاچىدىكەن. خىتاي بۇ «يۇمشاق كۈچ سىياسىتى» تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتمەكچى بولغان.

بەزى خەۋەر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا ئىران بار ئىكەن. يەنە ئىران ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان لۇبناننى خىتايغا يېقىنلاشتۇرماقچى ئىكەن. نورىس تەتقىقات مەركىزىنىڭ دېيىشىچە، ئەگەر خىتاي ئاتالمىش ئىسرائىلىيىنىڭ خەيفا پورتىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى چىقىشى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيىگە قىلغان بېسىم سەۋەبلىرىدىن ئېرىشەلمىسە ئۇ ۋاقىتتا ئېغىر ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان لۇبناننىڭ تېرېپولې پورتىنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي شاڭخەي خەلقئارا پورت گۇرۇپپىسى 2021-يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش ئىسرائىلىيىنىڭ مۇھىم بولغان خەيفا پورتىنى 25 يىل باشقۇرىدۇ. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا بۇ پورتنى 25 يىللىق بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارغا قارىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ھازىرغىچە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ قاراردىن يېنىۋېلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسا ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو ئاتالمىش ئىسرائىلىيىگە بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىلىق سۆھبەتلىشىشكە بارغاندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە سالماقچى بولغان مەبلەغلىرى توغرىلىقمۇ سۆزلىشىپ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتگە خىتاينى ئىسرائىلىيە تېخنولوگىيە ساھەسىدىن ۋە خەيفا پورتىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى قاتتىق تەكىتلىگەن. ئەگەر خىتاي ئاتالمىش ئىسرائىلىيىنىڭ ئوتتۇر دېڭىزغا جايلاشقان خەيفا پورتىنى 25 يىل كونترول قىلسا ئۇ ۋاقتىدا ھازىر شۇ پورتىدىن پايدىلىنىۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىنىڭ 6 فىلوتى بۇ پورتنى قوللىنالماسلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرىي. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ئىسرائىلىيىگە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئېغىر بېسىملارنى قىلغان. كىچىك بوش ۋاقتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بارىدىغان «ئىسرائىلىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك» سۆھبەتنى ئىسرائىلىيە خىتايغا ساتقان قورال-ياراغ سودىلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمەتكە سۇنۇشى تەلىپىگە ماقۇل كەلگىچە 3 يىل ئەمەلدىن قالدۇرۋەتكەن
خىتايغا نىسبەتەن ئوتتۇر دېڭىزىدىكى مەۋجۇدلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئوتتۇراشەرق دۆلەتلەردە تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خەيفا پورتىنى قولغا ئېلىش مۇھىمدۇر، شۇ سەۋەبلىك بۇ پورتىنى قوللا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا لۇبناننىڭ تېرېپولې پورتىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك .

2020-06-10

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here