ھىندىستان: ھازىرغىچە بولغان سۆھبەت چېگرادىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە ياردەم بەردى

0
101

ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال مانوج مۇكۇند ناراۋانې مەتبۇئاتقا بەرگەن باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر قاتار سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن چېگرادىكى ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ناراۋانې مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە بولغان سۆھبەت چېگرادىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە ياردەم بەردى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىندا ھىندىستان بىلەن بولغان چېگراسىدىكى جىددىيلىك بىلەن زىددىيەت توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2017-يىلىدا ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ جىددىيلىكى كۈچەيدى

ھىندىستان ئەمەلدارلىرى 5-ئاينىڭ بېشىدا، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈچ نۇقتىدىن لاداخ رايونىغا كىرگەنلىكىنى ۋە بۇ يەردە چېدىر ۋە ھەربىي قاراۋۇلخانا قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەسكەرلەرنىڭ رايوندىن ئايرىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم قىلىنغان ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا دىققەت قىلمىغانلىقى بايان قىلىندى.

ھىندىستان ۋە خىتاي لاداختىكى دېمچوك، چۇمار، داۋۇل بېگ كونا، گالۋان ۋادىسى ۋە پانگۇڭ تسو كۆلى ئەتراپىغا قوشۇمچە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

خىتاي ئەسكەرلىرى گالۋان ۋادىسىدا 100 ئەتراپىدا چېدىر سالدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پانگۇڭ تسو كۆلىدىكى چارلاش كېمىلىرىنى كۆپەيتتى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى 3500 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مۇنازىرىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدىكى 90 مىڭ كۋادرات كىلومىتىر يەرنى «جەنۇبىي شىزاڭ» دەپ ئاتايدۇ ، يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى بولسا ئاقساي چىن ئېگىزلىكىنى قاپلىغان 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گەرچە تەرەپلەر ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان سۆھبەتلەرگە قارىماي ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى ھەل قىلالمىغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ مەسىلە بېيجىڭ-يېڭى دېھلى لىنىيىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىدىن كېلىپ چىققان جىددىيلىك 2017-يىلىدا تېخمۇ ئۆرلىدى.

2020-06-13

بۇ تۈغرىسىدا فىلىمغا قىزىقسىڭىز….
https://www.youtube.com/watch?v=9eVwSNUj1Vo


يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here