تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى «چاقماق خەۋەر»

0
199

تالىبان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ قاتارنىڭ پايتەختى دوھانىڭ تىنچلىق سۆھبىتىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىش مەيدانى بولىدىغانلىقىغا قوشۇلدى.

يىغىننىڭ ۋاقتى ئېلان قىلىنمىدى، ئەمما ئىككى تەرەپ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 5000 تالىبان مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە ئىختىلاپنى ھەل قىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇ كېلەر ھەپتە ئاخىرىدا بولۇشى مۇمكىن. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى -2 ئايدا ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ھازىرغىچە 3000 تالىبان مەھبۇسنى قويۇپ بەردى.

2020-06-15

گۇرۇپپىمىز تەرپىدىن ئىشلەنگەن سىياسىي فىلىملەرگە قىزىقسىڭىز…
https://www.youtube.com/channel/UCrxDM4Lv1UP0dDqUfzw9cfA/videos

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here