خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش كۈچەيمەكتە

0
180

گالۋان ۋادىسىدا ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش نەتىجىسىدە، ھىندىستان قوراللىق قىسمىدىن كەم دېگەندە بىر ئوفىتسېرى ۋە ئىككى ئەسكىرى ئۆلگەن.

«گالۋان ۋادىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىددىيلىكنى پەسەيتىش جەريانىدا، تۈنۈگۈن كەچتە قاتتىق تىركىشىش يۈز بەرگەن. ھىندىستان تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە – بىر ئوفېتسىر ۋە ئىككى ئەسكەر. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى نەق مەيداندا يىغىن ئېچىپ ۋەزىيەتنى پەسەيتىكەن ».

ھىندىستان تاراتقۇلىرى خىتاي تەرەپتىن يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. يەرلىك مەنبەلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دەلىللەنمىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىدىن 5 ئادەم ئۆلگەن، 11 ئادەم يارىلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەسكەرتىلىشىچە، ھېچقانداق قورال ئىشلىتىلمىگەن .

6-ئاينىڭ 14- كۈنى قوماندان لېيتېنانت گېنېرال خارىندېر سىنگى ۋە ئاتالمىش جەنۇبىي شىنجاڭ «شەرقىي تۈركىستان» ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى مايور گېنېرال مايور ليۇ لىن ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلىپ ، ئۇنى ھەل قىلىشقا قوشۇلدى. ھەر ئىككى دۆلەت ھەربىي ۋە دىپلوماتىك قاتلامدىكى ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىلگىرى ئىشغال قىلىنغان رايونلاردىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

2020-06-016

گۇرۇپپىمىز تەرپىدىن ئىشلەنگەن سىياسىي فىلىملەرگە قىزىقسىڭىز…
https://www.youtube.com/channel/UCrxDM4Lv1UP0dDqUfzw9cfA/videos

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here