ئامېرىكا: رۇسىيە ئەسكەرلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تالىبانغا پۇل بەرگەن

0
133

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ياۋروپادىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان روسىيە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ تالىبان قوراللىقلىرىغا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پۇل بەرگەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا تەرەپ قولغا ئېلىنغان تالىبان ئەزالىرىنى سوراق قىلىش جەريانىدا روسىيىنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پۇل بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئاخبارات 3- ئايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت دىپلوماتىك خاتىرىلەشتىن موسكۋاغىچە بولغان بەزى جازالارنى قوللىنىشقىچە بولغان ھەر خىل تاللاشلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن بۇنداق تەدبىر قوللانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

تالىبانغا ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پۇل بىلەن تەمىنلەيدىغان روسىيە ھەربىي ئاخبارات قىسمى يەنە ئەنگىلىيەنىڭ سالىسبۇرىدا قوش ۋاكالەتچى سېرگېي سكرىپال ۋە قىزى يۇلىيانى زەھەرلىگەن دەپ ئەيىبلەنگەن

2020-06-27

گۇرۇپپىمىز تەرپىدىن ئىشلەنگەن سىياسىي فىلىملەرگە قىزىقسىڭىز…
https://www.youtube.com/channel/UCrxDM4Lv1UP0dDqUfzw9cfA/videos

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here